تارىختىكى بۈگۈن: 24 – ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1515057
تارىختىكى بۈگۈن: 24 – ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 24 – ئۆكتەبىر شەنبە.

  • 1882 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيەلىك ئالىم روبېرت كوچ، تۇبېركۇليوز باكتېرىيەسىنى بايقىدى. بۇ بايقاش ئارقىلىق ئەجەللىك تۇبېركۇليوز كېسىللىكىنى دورا بىلەن داۋالاشقا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. كوچ، 1905-يىلى نوبېل فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  • 1929 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چوڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. نىيۇ يورك بىرژىسى بازىرىدىكى پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى تېزلىك بىلەن چۈشۈشكە باشلىدى.

  • 1975 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ پارىژ ئەلچىسى ئىسمائىل ئەرەز ۋە ئۇنىڭ شوپۇرى تالىپ يەنەر، ASALA تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەرمەن تېررورچىلار تەرىپىدىن، پارىژدىكى «بىر-ھاكېيم كۆۋرۈكى» دە تۇزاق قۇرۇلۇپ شېھىت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر