تارىختىكى بۈگۈن 19.10.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 19- ئۆكتەبىر  دۈشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1511781
تارىختىكى بۈگۈن 19.10.2020

تارىختىكى بۈگۈن

1781 - يىلى 19- ئۆكتەبىردە، لورد كورنۋال باشچىلىقىدىكى ئەنگىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يوركتوۋن ۋە ۋىرگىنىيەگە كىرىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ئىدى.

 

1987 – يىلى 19- ئۆكتەبىردە، ۋال سترېت  ۋە لوندون قاتارلىق دۇنيا پايچېك بازارلىرىدا،  «قارا دۈشەنبە»  ۋەقەسى يۈز بەردى.  پاي چېكلەرنىڭ باھاسى %50 چۈشۈپ كەتتى. دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن زور ۋەھىمە سەۋەبىدىن ئومۇمىي زىيان 1 تىرىليون دوللارغا يەتتى.

 

2003 – يىلى 19- ئۆكتەبىردە، بوشناقلارنىڭ «دانالىق پادىشاھى» بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەلىيا ئىزېتبېگوۋىچ سارايېۋودا ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر