تارىختىكى بۈگۈن: 25 – سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1497141
تارىختىكى بۈگۈن: 25 – سېنتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 25 – سېنتەبىر، جۈمە.

  • 1396 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن رىم پاپاسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ قوشۇنى نىگبولۇدا ئۇرۇش قىلدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سۇلتانى يىلدىرىم بەيازىد، نىگبولۇدا ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىپ، زەپەر قازاندى.

  • 1950 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى «كورېيە ئۇرۇشى» دا سېئۇلنى قولغا كىرگۈزدى. شۇ كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇيرىقىغا بېرىلگەن ۋە 4500 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان تۈرك بىرىگادىسى، ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسكەندەرۇندىن يولغا چىقتى.

  • 2012 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «بوزقىرنىڭ زەخمىكى» دەپ ئاتالغان تۈرك خەلق مۇزىكىسى سەنئەتچىسى نەشەت ئەرتاش 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر