تارىختىكى بۈگۈن: 17.09.2020
بۈگۈن 2020 - يىلى 17 - سېنتەبىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1176 - يىلى 17 - سېنتەبىردە سەلجۇقىيلار سۇلتانى ئىككىنچى قىلىچ ئارسلان بىلەن ۋىزانتىيە ئېمپىراتورى بىرىنچى مانۇئىلنىڭ دەنىزلىگە يېقىن جايدىكى مىريوكېفالوندا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشىدا ۋىزانتىيە قوشۇنى يېڭىلدى. بۇ غەلىبە ئانادولۇدىكى تۈرك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
■ 1978 – يىلى 17 – سېنتەبىردە مىسىر پىرېزىدېنتى ئەنۋەر سادات بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى مېناخېم بېگىن ئارىسىدا كەمپ دېيېۋىد كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىم بىلەن تۇنجى قېتىم بىر ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولدى.
■ 2016 – يىلى 17 – سېنتەبىردە ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دەيرۇززۇردىكى سۈرىيە ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلدى؛ ۋەقەدە 62 سۈرىيە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...