تارىختىكى بۈگۈن: 16.09.2020

بۈگۈن 2020 - يىلى 16 - سېنتەبىر - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1491638
تارىختىكى بۈگۈن: 16.09.2020

■ 1890 -  يىلى 16 -  سېنتەبىردە ئەرتۇغرۇل ناملىق تۈرك پاراخوتى ياپونىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىۋاتقاندا كۇشىموتو دېڭىز تەۋەلىكىدە بوران سەۋەبىدىن خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى. ۋەقەدە پاراخوتتىكى 69 كىشى قۇتۇلدى، 540 تۈرك دېڭىزچى شېھىت بولدى.

■  1982-يىلى 16-سېنتەبىردە ئىسىرائىلىيە تەرەپدارى قوراللىق خىرستىيانلار بېيرۇتتىكى سابرا ۋە شاتىللا مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا بېسىپ كىرىپ، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە پەلەستىنلىكنى قىرغىن قىلدى.

■  2016-يىلى 16-سېنتەبىردە تۈركىيەلىك كىنو - فىلىم ئارتىسى تارىك ئاكان ۋاپات بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر