تارىختىكى بۈگۈن: 8 – سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1486961
تارىختىكى بۈگۈن: 8 – سېنتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 8 – سېنتەبىر، سەيشەنبە.

  • 1504 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان، مايكلانجنىڭ 5 مېتىر 17 سانتىمېتىرلىق «داۋۇت» ھەيكىلى فىلورېنسىيەدە تىكلەندى.

  • 1900 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىنىڭ گالۋېستون شەھىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن شىددەتلىك بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 8 مىڭ ئادەم قازا قىلدى.

  • 1991 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يۇگۇسلاۋىيەنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ماكېدونىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.  دۆلەتنىڭ نامى،  گىرېتسىيە بىلەن تۈزۈلگەندىن كېلىشىمدىن كېيىن، 2019-يىلى «شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر