تارىختىكى بۈگۈن 23.08.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 23 – ئاۋغۇست - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1477666
تارىختىكى بۈگۈن 23.08.2020

634 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتا، ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە تۇنجى خەلىپىسى ھەزرەتى ئەبۇ بەكىر 63 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.

1514 – يىلى 23 - ئاۋغۇستتا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن ئىراننىڭ سەفەۋىي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تالىشىش توقۇنۇشى چالدىران ئۇرۇشى بىلەن نەتىجىلەندى. ئوسمانلى قىسىملىرى ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ قوماندانلىقىدا چالدىران ئۇرۇشىدا شاھ ئىسمائىل قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى.

1921 – يىلى 23 - ئاۋغۇستتا، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ قىيىن كۈرەشلىرىدىن بىرسى بولغان ساكاريا ئۇرىشى باشلاندى. گىرېتسىيە ئارمىيىسىگە قارشى ساكاريا دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىنىپ، مۇداپىئە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن تۈركىيە ئارمىيەسى، 21 كۈن 21 كېچە داۋاملاشقان ئۇرۇش نەتىجىسىدە، گىرىتسىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ئەنقەرەگىچە يېتىپ كېلىشىنى توسۇپ قالدى.

1939 – يىلى 23 - ئاۋغۇستتا، گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى ئىمزالاندى. كېلىشىم گىتلېرنىڭ پولشانى ئىشغال قىلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر