تارىختىكى بۈگۈن: 19– ئاۋغۇست
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1475622
- يىل 1915، 19– ئاۋغۇست...
- تۈرك ئەدەبىيات دۇنياسىدىكى داڭلىق شائىر تەۋپىق فىكرەت 48 يېشىدا ئىستانبۇل رۇمئەلى ھېساردىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەن ئوخشاش كۈندە شائىرنىڭ ئاشىيان ئۆيى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلۇپ خەلققە ئېچىۋېتىلدى.
- 1946-يىلى 19-ئاۋغۇست خىتايدا جياڭ جېيشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى ۋە 1949-يىلىغا كەلگەندە كوممۇنىستلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
- 1953-يىلى 19-ئاۋغۇست ئىراندا سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن باش مىنىستىر مۇھەممەت مۇساددىق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شاھ تەرەپدارى ھەربىي ئوفىتسېرلار قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىشتە ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلدى.
- 1991-يىلى 19-ئاۋغۇست سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىزمنى قوللايدىغان گېنېراللار ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. دۆلەت سېكرىتارى مىخائىل گورباچېۋنىڭ ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بىراق، گورباچېۋ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...