تارىختىكى بۈگۈن: 21.07.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 21 – ئىيۇل - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1458611
تارىختىكى بۈگۈن: 21.07.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ■ 1946 – يىلى 21 – ئىيۇلدا تۇنجى قېتىم كۆپ پارتىيەلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى، بىراق ئادىل كۆزىتىش مېخانىزمى بولمىغان، ئاشكارا تاشلانغان ئاۋاز بېلەتلىرى يېپىق شەكىلدە سانىلىپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈلگەن سايلام چىرىكىلىكلەرنى پەيدا قىلدى. سايلام نەتىجىسىدە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ 369، دېموكرات پارتىيەسىنىڭ 65 پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتقا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

 

■ 1960 – يىلى 21 – ئىيۇلدا سرىلانكادا باش مىنىستىرلىققا سايلانغان سىرىماۋو باندارانائىكې دۇنيانىڭ تۇنجى ئايال باش مىنىستىرى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى.

 

■ 1969 – يىلى 21 – ئىيۇلدا ئاپوللو 11 بىلەن ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە ئاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نېئىل ئارمستروڭ، بۇز ئالدرىن ۋە مايكېل كولىنس ئايغا چىقتى. ئايغا چىقىپ 6 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن نېئىل ئارمستروڭ ئاي يۈزىگە قەدەم بېسىپ يېڭىلىق ياراتتى. ئارمستروڭنىڭ ئايغا قەدەم قويۇۋېتىپ دېگەن «ئىنسان ئۈچۈن كىچىك، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بۈيۈك بىر قەدەم» دېگەن سۆزى تارىخ سەھىپىلىرىگە يېزىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر