تارىختىكى بۈگۈن: 18.07.2020

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۈگۈن 2020 – يىلى 18 – ئىيۇل - شەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1457290
تارىختىكى بۈگۈن: 18.07.2020

■ 1920 –  يىلى 18 –  ئىيۇلدا ئاخىرقى ئوسمانلى مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ چېگرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك «مىساقى – مىللىي» ئەنقەرەدە يىغىن چاقىرغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى. پارلامېنت ئەزالىرى «مىساقى – مىللىي» چېگرالىرى ئۈستىگە قەسەم ئىچتى.

 

■ 1932 –  يىلى 18 –  ئىيۇلدا تۈركىيە جەمئىيەتى ئەقۋام (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ 56 – ئەزاسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

 

■ 1996 –  يىلى 18 –  ئىيۇلدا پارىژغا كېتىۋاتقان ئامېرىكا يولۇچىلار ئايروپىلانى لوڭ ئايلاند – نيۇ يورك ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئاسماندا پارتلاپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 230 ئادەم قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر