تارىختىكى بۈگۈن: 2020.07.15

2020 – يىلى 15 – ئىيۇل - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1455661
تارىختىكى بۈگۈن: 2020.07.15

■ 1099 – يىلى 15 – ئىيۇلدا بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ يۈرۈشى نەتىجىسىدە قۇددۇس شەھىرى ئەھلى سەلىپ قوشۇنىنىڭ قولىغا ئۆتتى. قۇددۇستا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلغان ئەھلى سەلىپ قوشۇنلىرى، مىڭلارچە مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىينى ئۆلتۈردى.

 

■ 1974 – يىلى 15 – ئىيۇلدا قىبرىستا گىرېك ئوفېتسىرلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ پىرېزىدېنت ماكارىئوسنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھوقۇقنى EOKA تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرى نىكوس سامپسوننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. تۈركىيە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كېپىللىك ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا تەييارلاندى.

 

■ 1983 – يىلى 15 – ئىيۇلدا پارىژنىڭ ئورلي ئايرودۇرۇمىدىكى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىشخانىسى ئەرمەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى – ئاسالا ئەزالىرىنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. پارتلاشتا ئىككى تۈرك، تۆت فىرانسۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى قازا قىلدى، 55 ئادەم يارىلاندى.

 

■ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغاان فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) ئەزالىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. ئەنقەرەدىكى ت ر ت بىناسىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆزىگە «يۇرتتا تىنچلىق كېڭىشى» دەپ نام بەرگەن فەتۆ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان بايانات قورال تەڭلەپ تۇرۇپ ئوقۇتۇلدى. فەتۆ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىسيانچىلار، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنى بومباردىمان قىلدى، 251 كىشى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش جەريانىدا شېھىت بولدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كوچىلارغا چىققان مىليونلاچە كىشى، سىياسىي ئۆزگىرىشكە «توختا» دېدى. سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان ۋە  ئۇنى قوللىغان يۈزلىگەن فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى.

                                                   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر