تارىختىكى بۈگۈن: 21 – مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1381868
تارىختىكى بۈگۈن: 21 – مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى، 21 – مارت، شەنبە.

1788 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لۇئىسئانا ئىشتاتىنىڭ نىيۇ ئورلېئانس شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، شەھەر پۈتۈنلەي خاراب بولدى. ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، شەھەردىكى 1100 بىنادىن پەقەت 200 ىلا ساقلىنىپ قالدى.

1960 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شارپېۋىللې شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ قورالسىز بىر قارا تەنلىك نامايىشچى گۇرۇپپىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 69 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 180 كىشى يارىلاندى. ۋەقەدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، 21 – مارت كۈنىنى «ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى.

1973 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىكى ئەڭ مۇھىم خەلق شائىرلىرىدىن ئاشىق ۋەيسەل شاتىرئوغلۇ 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1980 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جىممى كارتېر، ئامېرىكا ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر