تارىختىكى بۈگۈن: 20 – مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1381818
تارىختىكى بۈگۈن: 20 – مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى، 20 – مارت، جۈمە.

1815 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيە ئىمپېراتورى ناپولېئون بوناپارت سۈرگۈن قىلىنغان ئېلبې ئارىلىدىن قاچقاندىن كېيىن، تەخمىنەن 140 مىڭ كىشىلىك دائىمىي ئارمىيە قۇرۇپ چىقتى، ئارقىدىن 200 مىڭ كىشىدىن تەشكىل تاپقان پىدائىيلارنىڭ ھەمراھلىقىدا پارىژغا بېسىپ كىردى.

1971 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئاتاتۈرك ۋە يېقىن – يورۇقلىرى تونۇشتۇرۇلغان «چانكايا» ۋە «ئاتاتۈرك قانداق رەھبەر ئىدى؟» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست – يازغۇچى فالىھ رىفقى ئاتاي، 77 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.

2003 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراق بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان «ئىككىنچى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى» باغدادقا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن باشلاندى. ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مەقسىتىدە باشلانغان ئۇرۇشنىڭ 2011 – يىلى ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى. بۇ ئۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا، يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

2016 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تارىخىي كۇبا زىيارىتى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئوباما ئارىدىن 88 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۇبانى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر