تارىختىكى بۈگۈن: 16 – مارت.

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا

1379133
تارىختىكى بۈگۈن: 16 – مارت.

 

بۈگۈن 2020يىلى 16– مارت.

1919- يىلى 16- مارتتا، تاجاۋۇزچى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى رەسمىي ئىشغال قىلدى. ئىشغالىيەتچى كۈچلەر سەھەردە شاھزادەباشى ساقچىخانىسىغا بېسىپ كېلىپ، قورالسىز ئەسكەرلەرنى ئوققا تۇتتى. 4 ئەسكەر شەھىد بولۈپ، 10 ئەسكەر يارىلاندى.

1921- يىلى 16 – مارتتا، 1 – ئىنۆنۈ زەپىرىدىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا موسكۋا شەرتنامىسى ئىمزالاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.

1968 – يىلى 16 - مارتتا، ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ماي لەي، ماي خې ۋە سون ماي يېزىلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ 347 پۇقرانى ئۆلتۈردى. تارىختا «ماي لاي قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەدە بىر ئەسكەردىن باشقا ھېچكىم جازاغا تارتىلمىدى. شۇ كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جونسون ۋېيتنامغا يەنە 50 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

1988 – يىلى 16 – مارتتا، ئىراق ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ھالەپچە يېزىسىغا خىمىيەلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا تەخمىنەن 5000 كىشى ئۆلۈپ، 10 پۇقرا يارىلاندى. سادام ھۈسەيىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىراق جىنايى ئىشلار يۇقىرى سوتى «ھالەپچە قىرغىنچىلىقى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر