تارىختىكى بۈگۈن: 28– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1368351
تارىختىكى بۈگۈن: 28– فېۋرال
  • يىل 1953، 28– فېۋرال...
  • تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە ئوتتۇرىسىدا بالقان كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىم ئارقىلىق ھەربىي ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلغان ئۈچ دۆلەت، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بالقان رايونى ئۈستىدىكى بېسىمىنى يىنىكلىتىشنى مەقسەت قىلاتتى.
  • 1986-يىلى 28– فېۋرال پايتەخت ستوكھولمدا ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن كىنو كۆرگىلى بارغان شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئولاف پالمې قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ سۇيىقەستنى ھازىرغىچە ئېنىقلىيالمىدى ۋە قاتىللارمۇ تېپىلمىدى.
  • 1991-يىلى 28– فېۋرال ئامېرىكا 1-پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىشى بىلەن، ئىراق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، ئىراقنىڭ ئالتە ئاي 25 كۈن داۋاملاشقان كۇۋەيت ئىشغالى ئاخىرلاشتى.
  • 1997-يىلى 28– فېۋرال تۈركىيەدە مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ توققۇز سائەت داۋاملاشقان يىغىنىدىن كېيىن، «28-فېۋرال مۇساپىسى» دەپ ئاتالغان 18 ماددىلىق قارار ئېلان قىلىندى.
  • 2015-يىلى 28– فېۋرال «مەمەت ئاۋاق» ۋە «تۆمۈر يەر، مىس ئاسمان» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ياشار كامال 92 يېشىدا ۋاپات بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر