تارىختىكى بۈگۈن: 22– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1364270
تارىختىكى بۈگۈن: 22– فېۋرال

بۈگۈن 2020 – يىلى، 22– فېۋرال، شەنبە.

1512 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قىتئەسىگە نامى بېرىلگەن ئىتالىيەلىك كەشپىياتچى ئامېرىگو ۋېسپۇككى 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ، ياۋروپاغا يوللىغان مەكتۇبىدا، كرىستوف كولومبۇنىڭ دەل ئەكسىچە، كەشپ قىلىنغان جايلارنىڭ ھىندىستان ئەمەس، يېڭى بىر قىتئە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

1942 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 1920 – ۋە 1930 – يىللاردا «نېمىس تىلىدىكى ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ئەدەبىياتچى» دەپ ئاتالغان ئاۋىستىرىيالىيەلىك يازغۇچى ستېفان زۋېيگ ئايالى لوتتې ئالتمان بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيەنىڭ پېتروپولىس شەھىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1972 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىدە تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى خىتايدا زىيارەتتە بولدى. ئامېرىكا – خىتاي زىيارىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن 7 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان پىرېزىدېنت رىچارد نىكسون، بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر