تارىختىكى بۈگۈن: 15– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1360073
تارىختىكى بۈگۈن: 15– فېۋرال

بۈگۈن 2020 – يىلى، 15– فېۋرال، شەنبە.

1898 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى كۇبانىڭ «ھاۋانا پورتى» دا كۆمتۈرۈلۈپ كېتىشى ۋە 260 دېڭىزچىنىڭ قازا قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسپانىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇرۇش 10 – ئاۋغۇست كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان كېلىشىم ئارقىلىق ئاخىرلاشتى. كېلىشىمگە ئاساسەن ئىسپانىيە كۇبادىكى پۈتكۈل ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچتى، «گۇئام ئارىلى» بىلەن « Porto Riko ئارىلى» نى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بەردى، ھەمدە فىلىپپىننى 20 مىليون دوللار بەدىلىگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

1961 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل ئەتراپىدا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئامېرىكالىق چاڭغا تېيىلىش كوماندىسى ماھىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1989 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىندى. ئۇدا 9 يىل داۋاملاشقان «ئافغانىستان ئۇرۇشى» سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىسىملىرىنىڭ پۈتۈنلەي دۆلەتنى تەرك ئېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشتا، تەخمىنەن 1 مىليون ئافغان ئۆلدى، 2.5 مىليوندىن ئارتۇق ئافغان يارىلاندى، ياكى مەجرۇھ بولۇپ قالدى. 5 مىليون ئافغان بولسا دۆلەتتىن كۆچۈپ كەتتى.

1999 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلان ئۇدا بىرقانچە كۈن داۋاملاشقان ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە كېنىيەدە قولغا چۈشتى. تۈركىيەنىڭ بېسىمى ئاستىدا سۈرىيەدىن قوغلانغان ۋە گىرېتسىيە، رۇسىيە، ئىتالىيەگە، ئاخىرىدا كېنىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۆجەلان، گوللاندىيەگە كېتىش ئۈچۈن نايروبى ئايرودۇرۇمىغا بارغاندا تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى، ئاندىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر