تارىختىكى بۈگۈن: 11– فېۋرال

بۈگۈن 2020 – يىلى 11 – فىۋرال - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1357065
تارىختىكى بۈگۈن: 11– فېۋرال

1990 – يىلى  11 – فېۋرالدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقچى ھاكىمىيەتكە قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان نېلسون ماندېللانىڭ روبېن ئارىلى ۋە رولسمور تۈرمىسىدىكى 27 يىل داۋاملاشقان قاماق ھاياتى ئاخىرلاشتى. ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ لىدېرى بولغان ماندېللا 1994 – يىلىدىكى سايلامدا پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى ۋە دۆلىتىدىكى ئىرقچى تۈزۈمگە خاتىمە بەردى.

 

■ 2006 – يىلى  11 – فېۋرالدا گېرمان ئارخېئولوگلار، شانلىئورفانىڭ گۆبەكلىتەپە رايونىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئۇچۇرلىشىش سىستېمىسى دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن، دەۋرىمىزدىكى يېزىقنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنىڭ تۇنجى ئالامەتلىرىنى تاپتى. گۆبەكلىتەپە، شانلىئۇرفانىڭ 22 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئۆرەنجىك يېزىسىغا يېقىن يەردىكى دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشلىرى تېپىلغان جايدۇر. قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخى 11600 يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان گۆبەكلىتەپە، ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

 

■ 2011 – يىلى  11 – فېۋرالدا مىسىرنى 30 يىل بويىچە تۆمۈر مۇش بىلەن باشقۇرغان پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك، قاھىرەنىڭ تەھرىر (ئازادلىق) مەيدانىدا باشلىنىپ دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەن خەلق نامايىشلىرى نەتىجىسىدە، پىرېزىدېنتلىقتىن ئىستېپا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر