تارىختىكى بۈگۈن: 4– فېۋرال

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1352706
تارىختىكى بۈگۈن: 4– فېۋرال

بۈگۈن 2020 – يىلى، 4– فېۋرال، سەيشەنبە.

1969 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 1965 – يىىل ئىمزالانغان «ھەر تۈرلۈك ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئەھدىنامە» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدا 18 ئەزادىن تەشكىل تاپقان «ئىرقىي ئايرىمچىلىققا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى» قۇرۇلدى. 1972 – يىلى ئەھدىنامىنى ئىمزالىغان تۈركىيە، ئەھدىنامىنى 2001 – يىلى ماقۇللىدى.

1990 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستاننىڭ سىندى رايونىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر پويىز پاجىئەلىرىدىن بىرى يۈز بەردى. پاجىئەدە 307 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2006 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابرا ۋە شاتىللا لاگېرلىرىدىكى قەتلىئام سەۋەبىدىن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا «جاللات» دەپ ئاتالغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىئېل شارون مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، ھوشسىزلىنىپ دوختۇرخانىدا ياتتى. 2000 – يىلى قۇددۇستا مەسجىدى ئەقسانى زىيارەت قىلىش بىلەن 2 – ئىنتىفادا (تىركىشىش ھەرىكىتى) نىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان شارون، پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىككىگە بۆۈۋەتكەن تامنىڭمۇ ئىجادچىسى ئىدى. ئۇ ئۇدا 8 يىل  ھوشسىز ھالەتتە ياتقاندىن كېيىن 2014 – يىلى 11 – يانۋار كۈنى ئۆلدى.

2010 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 830 مېتىر ئېگىزلىكى بىلەن «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن كۆككە تاقاشقان بىنا» ئۇنۋانىنى «شاڭخەي راۋىقى» دىن ئۆتكۈزۈۋالغان دۇبەيدىكى «خەلىپە راۋىقى» قۇرۇلۇشى تاماملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر