تارىختىكى بۈگۈن: 3-فېۋرال

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1352044
تارىختىكى بۈگۈن: 3-فېۋرال

بۈگۈن 2020يىلى 03 – فېۋرال.

1451 -  يىلى 3فېۋرالدا، دۇنيا تارىخىغا «نى دەۋرلەرگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى دەۋرلەرنى ياراتقان تۈرك» دەپمۇ نامى خاتىرىلەنگەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ 7پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەھمەت، دادىسى 2مۇرات ۋاپات قىلغاندىن كېيىن، 2قېتىم ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇرغان ئىدى.

1969يىلى 3فېۋرال ياسىر ئەرافات پەلەستىن دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. ياسىر ئەرافات ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى رەت قىلدى.

2004يىلى 3فېۋرال ئەزەربەيجان نېفىتىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنيا بازىرىغا يەتكۈزىدىغان «BTC» نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە ئالاقىدار ئاخىرقى كېلىشىم باكۇدا ئىمزانلاندى.

 2006يىلى 3فېۋرال سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مىسىرغا ماڭغان يولۇچى پاراخوتى مىسىرنىڭ ھۇرغادا پورتىغا 40 مىل قالغاندا، قىزىل دېڭىزغا غەرق بولدى. پاراخوتتىكى 1400 يولۇچى ۋە پاراخوت خادىملىرىدىن ئاران 388 كىشىنىلا قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر