تارىختىكى بۈگۈن: 30 – يانۋار

بۈگۈن 2020 – يىلى 30 – يانۋار - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1350034
تارىختىكى بۈگۈن: 30 – يانۋار

■ 1933 – يىلى  30 – يانۋاردا گېرمانىيەدە پىرېزىدېنت ھىندېنبۇرگ ناتسىست پارتىيەسى باشلىقى ئادولف ھىتلېر (گىتلېر) نى 12 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىدى.

 

■ 1943 – يىلى  30 – يانۋاردا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چۇرچىل كازابلانكا يىغىنىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئىسمەت ئىنۆنۈ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى. ئادانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا چۇرچىل، ئىنۆنۈدىن بالقان رايونىدا ناتسىتلارغا قارشى ئىككىنچى بىر فىرونت ئېچىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىسمەت ئىنۆنۈ بۇ تەلەپنى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېخى ئۇرۇش قىلىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ رەت قىلدى.

 

 

 

■ 1948 – يىلى  30 – يانۋاردا ھىندىستاننىڭ قۇرغۇچى لىدېرى ماھاتما گاندى يېڭى دېھلىدا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. سۇيىقەستچى ناتۇرام گودسې ھىندى دىنىنىڭ ئاشقۇن مۇرىتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

 

 

 

■ 1972 – يىلى  30 – يانۋاردا ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى شىمالىي ئېرلاندىيەنىڭ دېرري شەھىرىگە قاراشلىق بوگسايد رايونىدا نامايىش قىلغان قورالسىز كىشىلەرنى ئوققا تۇتتى. تارىخ سەھىپىلىرىدىن «قانلىق يەكشەنبە» دەپ نام ئالغان مەزكۇر ۋەقەدە 14 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. قورالسىز پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى شىمالىي ئېرلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان «ئىرا»نىڭ قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر