تارىختىكى بۈگۈن: 29– يانۋار

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1349353
تارىختىكى بۈگۈن: 29– يانۋار

بۈگۈن 2020 – يىلى، 29– يانۋار، چارشەنبە.

1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە تېرروتېرىيەسىدە ياشاۋاتقان رۇملار بىلەن گىرېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ يۇرت ئالماشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا «لوزان ئاھالىلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ئىمزالاندى. كېلىشىم 1924 – يىلى 6 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ دائىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون رۇم گىرېتسىيەگە، 500 مىڭ ئەتراپىدا تۈرك تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. تۈركىيەدە ئىستانبۇل، گۆكچەئادا ۋە بوزجائادا ياشاۋاتقان رۇملار، گىرېتسىيەدە بولسا تراكيادا ياشاۋاتقان تۈركلەر بۇ كېلىشىمنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى.

1988 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ «غەربىي تراكيا تۈرك ئوقۇتقۇچىلار بىرلىكى» بىلەن «گۈمۈلجىنە تۈرك ياشلار بىرلىكى» نى تاقاش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىدىن كېيىن، 20 مىڭدىن ئارتۇق غەربىي تراكيالىق تۈرك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. گىرېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا  مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە تۈرك يارىلاندى. بۇ كۈن شۇندىن بۇيان غەربىي تراكيا تۈركلىرى تەرىپىدىن «مىللىي تىركىشىش كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلەنمەكتە.

2009 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داۋوس باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىن « One Minute» شەكلىدە ئورۇن ئالغان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئەردوغان ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىرىنى تەنقىد قىلىۋاتقاندا سۆزىنىڭ توختىتىلىپ قويۇلماقچى بولۇشىغا ۋە شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى شىمون پېرېسكە تېخىمۇ كۆپ سۆزلەش ھوقۇقى بېرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى. باش مىنىستىر ئەردوغان پېرېسكە، «سىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ناھايىتى ياخشى بىلىسىلەر» دېدى ۋە «داۋوسنىڭ ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىدى» دەپ يىغىننى تەرك ئەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر