تارىختىكى بۈگۈن: 19 – يانۋار

بۈگۈن 2020 – يىلى 19 – يانۋار - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1343345
تارىختىكى بۈگۈن: 19 – يانۋار

■ 1798 – يىلى  19 – يانۋاردا جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى ۋە پوزىتىۋىزمنىڭ باشلامچىسى ئاگۇستې كومتې فىرانسىيەنىڭ مونتپېللىئېر شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ، «3 ھال قانۇنى» ئارقىلىق جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى.

■ 2012 – يىلى  19 – يانۋاردا تۈركىيەدە جۇمھۇر رەئىسنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشىنى، سايلامنىڭ 5 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشىنى مەزمۇن قىلغان جۇمھۇر رەئىس سايلام قانۇنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىندى.

■ 2013 – يىلى  19 – يانۋاردا بۇلغارىيە ھەق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى ئاھمەت دوغان سۇيىقەستتىن قىل پېيى قۇتۇلۇپ قالدى. سەھنىگە چىققان دوغاننى ئاتماقچى بولغان ھۇجۇمچىنىڭ قورالى تاقىلىپ قالدى. ھۇجۇمچى زالدىكى خادىملار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر