تارىختىكى بۈگۈن: 15– يانۋار
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
بۈگۈن 2020 – يىلى، 15– يانۋار، چارشەنبە.
1919 – يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سوتسىيالىست رەھبەرلىرىدىن روسا لۇكسېمبېرگ بىلەن كارل لېبكىنېكت ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە يېقىن «فرېيكورپس» ناملىق خەلق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.
1984 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ سىياسىي رەھبىرى، ژۇرنالىست – يازغۇچى دوكتور فازىل كۈچۈك 78 يېشىدا ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ، رۇملار بىلەن تۈركلەر بىرلىكتە قۇرغان «قىبرىس دۆلىتى» نىڭ تۇنجى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى ئىدى.
2005 – يىىل بۈگۈنكى كۈندە، ياسىر ئەرەفاتنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 9 – يانۋار كۈنى پەلەستىن دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان مەھمۇد ئابباس قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. ئۇ، ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە چاقىردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...