تارىختىكى بۈگۈن: 12– يانۋار
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1339192
![تارىختىكى بۈگۈن: 12– يانۋار](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6cc3/df04/7b3b/5dc7bfa13b2ef.jpg?time=1718923667)
بۈگۈن 2020 – يىلى، 12– يانۋار، يەكشەنبە.
- 1875 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىستانبۇل بەيئوغلۇدا بەرپا قىلىنغان «تۇنېل» ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ تۇنېل، لوندون مېتورۇسىدىن قالسا، دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن 2 – يەر ئاستى ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇنېل دەسلەپتە خۇسۇسىي شىركەت قارمىقىدا بولۇپ، 1939 – يىلى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
- 1920 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاخىرقى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى مەبۇسان مەجلىسى ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىردى. مەجلىستە ھەم پادىشاھقا ھەمدە ئانادولۇ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بار ئىدى. مەجلىسنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە ئۈزۈل - كېسىل مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن «مىساقى مىللىي» ناملىق بىر قاتار قارارلارنى چىقىرىشىدىن كېيىن، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 16 – مارت كۈنى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا مەجلىس تاقالدى، ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمى قولغا ئېلىنىپ، مالتا ئارىلىغا سۈرگۈنگە ئەۋەتىلدى.
- 1991 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ كۇۋەيتتىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقۇقى بەردى. بۇ قاراردىن كېيىن، « بىرىنچى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى» ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى.
- 2006 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىنادا ھەج قىلىۋاتقان ھاجى نامزاتلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا 364 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1718923667)
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...