تارىختىكى بۈگۈن: 6– يانۋار

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزھۇزۇرۇڭلاردا...

1335343
تارىختىكى بۈگۈن: 6– يانۋار
  • يىل 1838، 6– يانۋار...
  • ئۇچۇر-ئالاقىدە يېڭى دەۋر باشلىغان «مورس ئېلىپبەسى» سامۇئېل مورس (Samuel Morse) تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. رەسسام بولغان سامۇئېل مورس ئېلېكتىر ماگېنىتلىق تۇنجى تېلېگراممىنى تەرەققىي قىلدۇردى.
  • 1921-يىلى 6– يانۋار ئانادولۇنى ئىستىلاھ قىلغان گىرېتسىيە ئارمىيەسى تۈركىيە بۈيۈك مەجلىسى (پارلامېنتى) ھۆكۈمىتىنى تىز چۆكتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. گىرېتسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىشەھىر ۋە ئافيونننىڭ شەرقىگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، تارىختا «1-ئىنۆنۈ جېڭى» دېيىلىدىغان ئۇرۇش باشلاندى. گىرېتسىيە قوشۇنلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن بىلەجىكنى قولغا چۈشۈردى.
  • 1984-يىلى 6– يانۋار تۇنىستا «نان ئىسيانى» يۈز بەردى. تۇنىس خەلقى نان باھاسىنىڭ %125 ئۆرلىشىگە قارشى نامايىش قىلدى. خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە توقۇنۇشقا ئايلانغان ۋەقەلەردە 75 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى تۇتۇلدى. تۇنىستا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
  • 2016-يىلى 6– يانۋار شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتى بىرىنچى قېتىم ھىدروگېن بومبا سىناق قىلدى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارالىق جەمئىيەت قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بومبا سىناق قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات تېپىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر