تارىختىكى بۈگۈن: 3– يانۋار

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1334134
تارىختىكى بۈگۈن: 3– يانۋار
  • 1521 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدا چېركاۋ ھاكىمىيىتى ئۈستىدە تالاش – تارتىش ئېلىپ بېرىلىپ، «ئىسلاھات ھەرىكىتى» نىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان مارتىن لۇتھېر، كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا 10 – لېئونىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. رىمغا چاقىرىلىپ، بۇ ھەقتە  ئىپادە بىلدۈرۈشى  تەلەپ قىلىنغان مارتىن لۇتھېر، بۇ تەلەپنى رەت قىلدى، ھەمدە ئىنجىلنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ، چېركاۋغا قارشى دۇئېل ئېلان قىلدى.

  • 1961 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىدېل كاسترو رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست كۈچلەرنىڭ پايتەخت ھاۋانانى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۇبا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى. ئارىدىن تولۇق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ كۈنى پاپا 23 – لوئاننېس فىدېل كاسترونى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  • 1990 – يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پاناما پىرېزىدېنتى مانۇئېل نورىېگا، ئۇدا 10 كۈن بويىچە پاناھلانغان ۋاتىكاننىڭ پاناما شەھىرىدىن چىقىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولدى. نورېگا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سوتقا تارتىلدى ھەمدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. فىرانسىيەدىمۇ تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن دۆلىتىگە پاناماغا قايتۇرۇپغان نورېگا، 2017 – يىلى ئۆلدى.

  • 2004 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىسىردا خۇسۇسىي بىر ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى، شەرمۇش شەيخ – پارىژ سەپىرى ئەسناسىدا قارادېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. قازادا، ئايروپىلاندىكى 148 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر