تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 31 – دېكابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1332272
تارىختىكى بۈگۈن: 31 –  دېكابىر

■ 1609 – يىلى  31 – دېكابىردا ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ ئۇل تېشى قويۇلدى. بىناكار سەدەفكار مەھمەت ئاغا قۇرۇلۇشنى 8 يىلدا پۈتكۈزدى.

■ 1879 – يىلى  31 – دېكابىردا ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون لامپۇچكىنى تۇنجى قېتىم خەلقكە تونۇتتى ۋە پېنسىلۋانىيە كوچىلىرى توك لامپۇچكىلىرى بىلەن يورۇتۇلدى.

■ 1943 – يىلى  31 – دېكابىردا «گاندى» رولى بىلەن نام چىقارغان ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاكتىيور بېن كىڭسلېي ئەنگلىيەدە دۇنياغا كەلدى.

■ 1968 – يىلى  31 – دېكابىردا ئاۋسترالىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 26 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1981 – يىلى  31 – دېكابىردا ت ر ت تۇنجى رەڭلىك تېلېۋىزىيە تارقىتىشىنى يېڭى يىل كېچىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسىنى تارقىتىپ ئىشقا ئاشۇردى.

■ 1994 – يىلى  31 – دېكابىردا ئاۋسترالىيە، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا سانى 15 كە يەتتى.

■ 1999 – يىلى  31 – دېكابىردا رۇسىيە پىرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن تويۇقسىزلا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلىپ، بارلىق ھوقۇقىنى باش مىنىستىر ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر