تارىختىكى بۈگۈن: 28 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1331020
تارىختىكى بۈگۈن: 28 – دېكابىر
  • 1612 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىتالىيەلىك ئالىم گالىلو گېلىلېي «نېپتۇن ئوربېتىسى» نى بايقىدى، لېكىن ئۇ «نېپتۇن ئوربېتىسى» نى «يۇلتۇز» دەپ ئاتىدى.
  • 1878 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ دۇندې شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر تۆمۈر يولى كۆۋرۈكى پويىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، 75 كىشى قازا قىلدى.
  • 1895 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاكا  - ئۇكا لۇمىئېرې قېرىنداشلار تۇنجى قېتىم ئىشلىگەن «پويىزنىڭ لا كىئوتات ئىستانسىسىغا كېلىشى»، «بوۋاقنىڭ جېدىلى» ۋە «تۆمۈرچى» ناملىق فىلىملەر، پارىژدا تۇنجى قېتىم تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ھەمدە پارىژلىقلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
  • 1922 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە،  «ئۆمۈچۈك ئادەم»، «خۇلق» ۋە « X Men» قاتارلىق چاتما بالىلار رومانلىرى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى  Stan Lee  دۇنياغا كەلدى.
  • 1973 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە يازغۇچى ئېلېكساندىر سولجېنىتسىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈرمىلىرى تونۇشتۇرۇلغان «گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدى.
  • 2004 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئۆلۈم تۇنېلى»، «يانار تاغ سۆيگۈنۈم» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى Susan Sontag 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر