تارىختىكى بۈگۈن: 24– دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1328640
تارىختىكى بۈگۈن: 24– دېكابىر
  • يىل 1524، 24– دېكابىر...
  • ياۋروپادىن ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىققان پورتۇگالىيەلىك تۇنجى ئېكسپېدىتسىيەچى ۋاسكو دا گاما (Vasco da Gama) ھىندىستاندا ئۆلدى.
  • 167-يىلى 24– دېكابىر تۈرك ئەدەبىياتىدا غەربلىشىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن شائىر ۋە مۇتەپەككۇر تەۋفىك فىكرەت ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى.
  • 1865-يىلى 24– دېكابىر ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن، قۇللۇق تۈزۈمنى قوللايدىغان فېدېراتسىيەلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى تېنېسسى (Tennessee) ئىشتاتىنىڭ پالاسكى (Pulaski) شەھىرىدە «كۇ كلۇكس كلان» (Ku Klux Klan) ناملىق بىر ئىجتىمائىي كۇلۇب قۇردى. كۇلۇب قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئامېرىكادىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.
  • 1951-يىلى 24– دېكابىر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، لىۋىيە مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. لىۋىيە 1969-يىلى قەززافى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى ئىگەللىگىچە پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلدى.
  • 1963-يىلى 24– دېكابىر قىبرىستىكى قوراللىق رۇملار «قانلىق روژدېستۋا» ھۇجۇملىرى جەريانىدا، لەفكوشادا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مىڭ باشى نىھات ئىلخاننىڭ ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىلخاننىڭ ئايالى مۈرۈۋەت ئىلخان ۋە پەرزەنتلىرىدىن مۇرات، كۇتۇسى، ھاكان رۇم تېررورىستلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
  • 1964-يىلى 24– دېكابىر ھىندىستان بىلەن سىرى لانكاغا تەسىر قىلغان قۇيۇن ئاپىتىدە، 7 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1979-يىلى 24– دېكابىر سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشنى باشلىدى. سوۋېتلەر ئارمىيەسى 1989-يىلى 10يىل داۋاملاشقان قارشىلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
  • 1976-يىلى 24– دېكابىر ۋاننىڭ چالدىران ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى. قوشنا ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ يەر تەۋرەشتە 3 مىڭ 840 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر