تارىختىكى بۈگۈن: 22.12.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1327444
تارىختىكى بۈگۈن: 22.12.2019

بۈگۈن 2019يىلى 22 – دېكابىر.

1858يىلى 22دېكابىردا، «La Boheme» ۋە «Turandat» ناملىق ئوپىرالىرى بىلەن تونۇلغان ئىتالىيەلىك مۇزىكانت گىياكومتا پوككىنى ئىتالىيەنىڭ لۇككا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىدى.

1894يىلى 22دېكابىردا، يۈز بېشى ئالفرېد دىرېيفۇسنىڭ ناھەق ھالدا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازاغا تارتىلىشى ۋە 12 يىلدىن كېيىن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىپ «دىرېيفۇس دېلوسى» نىڭ فىرانسىيەدە قايتىدىن كۆرۈلۈشكە باشلانغانلىقى ئەدلىيە تارىخىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەقەسى  بولغان ئىدى.

1925يىلى 22دېكابىردا، فەنەرباھچە كوماندىسى ۋە تۈركىيە پۇتپول ساھەسىنىڭ ئاتاقلىق ماھىرى لافتېر كۈچۈككاندونيادىس ئىستانبۇل بۈيۈكئادادا دۇنياغا كەلگەن ئىدى.

1963يىلى 22دېكابىردا، پورتېگالىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە «Lakonia» ناملىق يولۇچى پاراخوتىغا ئوت كېتىپ، 128 كىشى ئۆلگەن ئىدى. 

1979يىلى 22دېكابىردا، پارىژدىكى تۈركىيە ساياھەت ۋە تونۇشتۇرۇش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يىلماز چولپان، ئاسالا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئىدى.

2011يىلى 22دېكابىردا، ئەرمەنىيلەرنىڭ 1915يىلى ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار ئاتالمىش ئىرقىي قىرغىنچلىقنى رەت قىلىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان قانۇن تەكلىپى فىرانسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر