تارىختىكى بۈگۈن: 21 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1327269
تارىختىكى بۈگۈن: 21 – دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 21– دېكابىر، شەنبە.

  • 1840 – يىىل بۈگۈنكى كۈندە، «ۋەتەن ياھۇت سىلىسترە» ناملىق ئويۇنى بىلەن تونۇلغان، تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرىدىن شائىر نامىق كامال تەكىرداغدا دۇياغا كەلدى.
  • 1937 – يىىل بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى ئۇزۇن، ئاۋازلىق ۋە رەڭلىك كارتون فىلىم بولغان «پامۇك پرەنسەس ۋە يەدى جۈجەلەر» كىنوخانىلاردا تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
  • 1963 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، قوراللىق رۇملار قىبرىستا تۈركلەرگە قارشى «قانلىق يېڭى يىل» ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. 1 – يانۋارغىچە داۋاملاشقان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە قىبرىسلىق 364 تۈرك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
  • 1988 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لوندون – نىيۇ يورك ئارىلىقىدا قاتناۋاتقان ئامېرىكا يولۇچىلار ئايروپىلانى شوتلاندىيەنىڭ لوچچكېربې يېزىسى ئۈستىدە پارتلاپ كەتتى. ۋەقەدە يەردىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ 21 دۆلەتتىن 270 كىشى قازا قىلدى. ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئايروپىلانغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقى ۋە ئايروپىلانغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان كىشىنىڭ لىۋىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر شەخس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. قەززافى ھۆكۈمىتى ئايروپىلانغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان لىۋىيەلىك ئايروپىلان مۇتەخەسسىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ئوفىتسېرىنى ئەنگلىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى. قەززافى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا دۆلىتىنىڭ نۇقسانى بارلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مىلياردلارچە دوللارلىق تۆلەم تۆلىدى.
  • 2017 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى رەت قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تەييارلانغان قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى، قارار لايىھەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي 9 غا قارشى 129 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. ئاۋازغا قويۇشتا 35 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق، ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى رەسمىي ئىسپاتلانغان بولدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر