تارىختىكى بۈگۈن: 17– دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 17 – دېكابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1324683
تارىختىكى بۈگۈن: 17–  دېكابىر

■ 1273 – يىلى  17 – دېكابىردا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە سوپى مەۋلانا جالالىدىن رۇمى كونيادا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. «مەسنەۋى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى بىزلەرگە مىراس قالدۇرغان مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ ۋاپات ۋاقتىغا دىدارلىشىش ۋاقتى دەپ قارىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۈن «شەبئى ئارۇس (توي كېچىسى)» دېيىلمەكتە.

■ 1760 – يىلى  17 – دېكابىردا 1479 – يىلى تۈزۈلگەنلىكى ئىسپاتلانغان «ئازتەك كالىندارى» مېكسىكا سىتىدا تېپىلدى. 25 توننا ئېغىرلىقتىكى خاتىرە كالىندار، بىر قۇياش يىلىنى تولۇق 365 كۈنگە بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

■ 1770 – يىلى  17 – دېكابىردا داڭلىق پىيانىست ۋە مۇزىكانت لۇدۋىگ ۋان بېتخوۋېن گېرمانىيەنىڭ بون شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى.

■ 1830 – يىلى  17 – دېكابىردا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 6 دۆلەتنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان سىمون بولىۋار، 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1903 – يىلى  17 – دېكابىردا رايت ئاكا-ئۇكىلار تۇنجى موتورلۇق ئايروپلاننى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدا ئۇچۇردى. ئايروپىلان 12 سىكۇنت داۋاملاشقان تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىدا 37 مېتىر يەرگە بارالىدى. شۇ كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سىناقتا بولسا، ئايروپىلان 59 سىكۇنت بويىچە ئۇچۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 280 مېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.

■ 1965 – يىلى  17 – دېكابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، تۈركىيەنىڭ قىبرىستا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. بۇ قارارنى رەت قىلغان تۈركىيە، لوندون ۋە زىيورىخ ئەھدىنامىلىرىدە ئورۇن ئالغان كاپالەتچى دۆلەتلىك ھوقۇقىدىن ئاداققىچە پايدىلىنىدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىدى.

■ 1980 – يىلى  17 – دېكابىردا تۈركىيەنىڭ سىدنېيدا تۇرۇشلۇق باش كونسولى شارىق ئارىياك ۋە مۇھاپىزەتچىسى ئەنگىن سەۋەر ئەرمەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالا ئەزاسى تېررورچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر