تارىختىكى بۈگۈن: 14.12.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1323242
تارىختىكى بۈگۈن: 14.12.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 14 – دېكابىر.

1799يىلى 14دېكابىردا، ئامېرىكانىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ۋە تۇنجى پىرېزىدېنتى گېئورگې ۋاشىنگىتون ۋاپات بولغان ئىدى.

1911يىلى 14دېكابىردا، «ۋىكىڭ» لەقەملىك نورۋېگىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى روئالد ئامۇندسېن غەربىي شىمال ئۆتىڭىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي قۇتۇبنىڭ نول نۇقتىسىغا يېتىپ بارغان ئىدى.

1935يىلى 14دېكابىردا، پۇتبول تارىخىدا بىر يىڭىلىق يارىتلغان بولۇپ، ئەنگلىيە پۇتبول كوماندىسى ئارسېنال، ئاستون ۋىللا كوندىسىنى 1- گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ۋە  ئارسېنال كوماندىسىنىڭ 7 توپىنىڭ ھەممىنى پۇتبول ماھىرى تېد دراك كىرگۈزگەن ئىدى.

1953يىلى 14دېكابىردا، سودا سانائەت بانكىسى ھەسسەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى خەزىنىگە تاپشۇرۇش قانۇن تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دا قوبۇل قىلىنغان ئىدى. 29دېكابىرغا قەدەر مالىيە مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن «خەلق» ۋە «يېڭى ۋەقەلەر» ناملىق گېزىت ھەمدە «قاراگۆز» ژۇرنىلى ئاخىرىقى سانلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

1954يىلى 14دېكابىردا، قىبرىس مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلدى. تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سەلىم سارپەر: «قىبرىس تۈركىيە ساھىللىرىغا 40 مىل ئۇزاقلىققا ۋە گېرىتسىيە ساھىللىرىغا 600 مىل ئۇزاقلىققا جايلاشقان. ھەرگىزمۇ گىرېتسىيەگە تەۋە بولالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئېنوسىسنىڭ ئارزۇ ھەۋەسلرىگە قارشى تۈركىيەنىڭ قەتئىي پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

1960يىلى 14دېكابىردا، ئىستانبۇل بوغۇزىدا گېرىتسىيە ۋە يوغۇسلاۋىيە نېفىت پاراخوتلىرى سوقۇشۇپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەدە 52 كىشى ئۆلگەن ۋە دېڭىزغا تۆكۈلگەن قانچىلىغان توننا گاز يېغى 52 كۈنگىچە توختىماي كۆيگەن ئىدى.

1960يىلى 14دېكابىردا، ئامېرىكا، كانادا ۋە تۈركىيە ئورتاق بازىرىغا ئەزا 9 دۆلەت شۇنداقلا ياۋروپا ئەركىن سودا بىرلەشمىسىگە ئەزا 7 دۆلەت، قىسقارتىلما ئىسمى «OECD» دېيىلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پارىژ ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاشقان ئىدى. 

1981يىلى 14دېكابىردا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 1967يىلىدىكى «6 كۈنلۈك ئۇرۇش» تا ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان گولان ئېگىزلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە پارلامېنتى بۇ قوشۇۋىلىش قارارىنى شۇ كۈنى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.

1989يىلى 14دېكابىردا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن سوۋىتلىك پەن تەتقىقاتچى ئاندېي ساھاروۋ 67 - يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.

1995يىلى 14دېكابىردا، يۇگوسلاۋىيەدە 3 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشنى خاتىمە بېرىلىپ، «دايتون تىنچلىق كېلشىمى» تۈزۈلگەن ئىدى. بۇ كېلىشىم ئەلىيا ئىززەت بىگۇۋىچ، سىلوبادان مىلوسېۋىچ ۋە فىرانجو تۇنجمان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر