تارىختىكى بۈگۈن: 13 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1322794
تارىختىكى بۈگۈن: 13 – دېكابىر
  • يىل 1957، 13–دېكابىر...
  • ئىراندا يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە 130 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1960-يىلى 13–دېكابىر فىرانسىيە پىرېزىدېنتى دېگولنىڭ ئالجىرىيە زىيارىتىدە چىققان ۋەقەلەردە 123 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1967-يىلى 13–دېكابىر گىرېتسىيە پادىشاھى 2-كونستانتىن ھاكىمىيەتنى ئىگەللىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى، بىراق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىدى. ئۇ خەلققە ۋە ئارمىيەگە ھەربىي ھاكىمىيەتنى ئۆرۈشكە چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ، قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيەگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
  • 1974-يىلى 13–دېكابىر سىياسەتچى، دىپلومات ۋە يازغۇچى ياقۇپ قادرىكارائوسمانئوغلۇ 85 يېشىدا ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1979-يىلى 13–دېكابىر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىدىن بىرى يازغۇچى ۋە شائىر باھچەت نەجاتىگىل 63 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1995-يىلى 13–دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتى تۈركىيە بىلەن تاموژنا ئىتتىپاقىنى ئىمزالىدى.
  • 2002-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېڭىيىشنى ئېلان قىلدى. 2004-يىلى 1-ماي 10 نامزات دۆلەتنىڭ ئىتتىپاق ئەزاسى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
  • 2003-يىلى 13–دېكابىر ئامېرىكا ئىراقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، باغدادتىن قاچقان سادام ھۈسەيىن تۇغۇلغان يۇرتى تىكرىت ئەتراپىدىكى پاناھلانغان جايدىن بايقىلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلدى. سادام ھۈسەيىننىڭ تۇتۇلۇشى ئىراقتا داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

2017-يىلى 13دېكابىر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى پايتەخت دەپ قوبۇل قىلىش قارارىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جىددىي توپلاندى. 16 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە بولۇپ، جەمئىي 48 دۆلەت قاتناشقان يىغىندا، ئامېرىكانىڭ قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى؛ پەلەستىننىڭ پايتەختىنىڭ شەرقىي قۇددۇس ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر