تارىختىكى بۈگۈن: 12– دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 12 – دېكابىر - پەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1321977
تارىختىكى بۈگۈن: 12–  دېكابىر

■ 1866 – يىلى  12 – دېكابىردا ئەنگلىيە جەنۇبىي يوركشېيردىكى ئوئاكس كۆمۈر كانلىرىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 400 ئەتراپىدا كانچى جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 1870 – يىلى  12 – دېكابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قۇللۇققا خاتىمە بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتىن 5 يىل كېيىن، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى ۋەكىللىكىگە سايلانغان جوسېف ھراينېي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە كىرگەن تۇنجى قارا تەنلىك بولدى.

■ 1913 – يىلى  12 – دېكابىردا پارىژدىكى لوۋرې مۇزېيىدىن 1911 – يىلى ئوغرىلاپ كېتىلگەن «مونا لىسا» ماي بوياق رەسىمى ئىتالىيەنىڭ فىلورېنسا شەھىرىدە تېپىلدى.

■ 1928 – يىلى  12 – دېكابىردا دۇنيا ئەدەبىياتنىڭ كاتتا يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋ قازاقىستاندا دۇنياغا كەلدى.

■ 1940 – يىلى  12 – دېكابىردا ناتسىستلاردىن قاچقان يەھۇدىي كۆچمەنلىرى ئولتۇرغان «سالۋادور» ناملىق پاراخوت تۈركىيەنىڭ سىلىۋرى ۋىلايىتى دېڭىز تەۋەلىكىدە قاتتىق بورانغا دۇچ كېلىپ قۇرۇقلۇققا سوقۇلۇپ غەرق بولۇپ كەتتى. پاراخوتتىكى 352 يولۇچىنىڭ 219 نەپىرى غەرق بولۇپ ياكى توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى.

■ 1946 – يىلى  12 – دېكابىردا تۈركىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 12 – دېكابىردىن 18 – دېكابىرغىچە بولغان جەريان «يەرلىك مەھسۇلات ھەپتىسى» دەپ تەبرىكلىنىشكە باشلاندى.

■ 1922 – يىلى  12 – دېكابىردا ھىندونېزىيەنىڭ نۇسا تېگگارا رايونىدىكى ئاراللاردا 6.8 بال يەر تەۋرەپ 1490 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 2000 – يىلى  12 – دېكابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى چېگىشلىشىپ كەتكەن سايلام نەتىجىلىرىگە ئاخىرقى نۇقتىنى فېدېراتسىيە ئالىي مەھكىمىسى قويدى. فىلورىدادا ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانىلىشىنى توختىتىپ قويغان ئالىي سوت، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى نامزات جورج.ۋ.بۇشنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

■ 2003 – يىلى  12 – دېكابىردا ئەزەربەيجاننىڭ 3 – پىرېزىدېنتى ھەيدەر ئەلىيېۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.

■ 2010 – يىلى  12 – دېكابىردا  «ئالتىن ھىزما مۈلايىم» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەركۈك ناخشىلىرى بىلەن نام چىقارغان سەنئەتچى ئابدۇرېھىم قىزىلئاي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر