تارىختىكى بۈگۈن: 7 – دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1319196
تارىختىكى بۈگۈن: 7 – دېكابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 7– دېكابىر، شەنبە.

  • 1941 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پېرل ھاربور رايونىدىكى ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 19 ئۇرۇش پاراخوتى چۆكتۈرۈۋېتىلدى، 200  ئۇرۇش ئايروپىلانى يوق قىلىندى، 2 مىڭ 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياپونىيە ۋە گېرمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشتى.
  • 1956 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم رومانلىرىدىن «چالىقۇشۇ» نىڭ يازغۇچىسى رەشات نۇرى گۈنتەكىن 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1973  - يىىل بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى ئىسلام كونفېرانس تەشكىلاتىغا ئەزا 7 دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلدى. مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان بانكا ئارقىدا قالغان ئىسلام ئەللىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى  نىشان قىلىدۇ.
  • 1983 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مادرىد ئايرودۇرۇمىدا ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولىدا سوقۇلۇپ كېتىپ، 93 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
  • 1988 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە،  ئەرمېنىيەدە 7.1 بال يەر تەۋرەەپ، 25 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 150 مىڭ كىشى يارىلاندى، 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى.
  • 2017 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئايلا» ناملىق فىلىمنىڭ تېمىسى بولغان كورېيە غازىسى سۇلايمان دىلبىرلىكى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 2017 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ، ئارىدىن 67 يىل ئۆتكەندىن كېيىن  تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە جۇمھۇر رەئىس سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى رەسمىي زىيارەت ھېسابلىنىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر