تارىختىكى بۈگۈن: 01 – دېكابىر
بۈگۈن 2019 – يىلى 01 – دېكابىر - يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1402 – يىلى 01 – دېكابىردىكى ئەنقەرە ئۇرۇشىدا ئوسمانلى قوشۇنلىرىنى يېڭىۋالغان ئەمىر تېمۇر، 57 يىلدىن بۇيان رودوس ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋاتقان ئىزمىرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. مۇھاسىرىدە كۈتكەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن تىمۇر، ئانادولودىن كېتىشكە قارار قىلدى.
■ 1906 – يىلى 01 – دېكابىردا دۇنيانىڭ تۇنجى كىنو زالى پارىژدا ئېچىلدى.
■ 1913 – يىلى 01 – دېكابىردا فورد موتور سانائىتى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتقان تۇنجى ھەرىكەتلىك مونتاژ بۆلۈمىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى.
■ 1925 – يىلى 01 – دېكابىردا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن سىياسىي چېگرالارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۈچۈن فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، پولشا، بېلگىيە ۋە چېخىسلوۋاكىيە ئارىسىدا لوكارنو كېلىشىمى ئىمزالاندى.
■ 1931 – يىلى 01 – دېكابىردا تۇنجى ئاۋازلىق تۈرك فىلىمى - مۇھسىن ئەرتۇغرۇل رىژېسسورلۇق قىلغان - «ئىستانبۇل كوچىلىرىدا» تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى؛ فىلىم بىر ئايالغا كۆيۈپ قالغان ئىككى دوستنىڭ ھېكايىسىنى تېما قىلاتتى.
■ 1935 – يىلى 01 – دېكابىردا ئامېرىكىلىق ئاكتىيور، يازغۇچى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى ۋۇدىي ئاللېن نيۇ يوركتا دۇنياغا كەلدى.
■ 1964 – يىلى 01 – دېكابىردا تۈركىيەنى ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا قىلغان ئەنقەرە كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. كېلىشىم، تاموژنا بىرلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە تولۇق ئەزا بولۇشىنى مەزمۇن قىلاتتى.
■ 1981 – يىلى 01 – دېكابىردا يوگۇسلاۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كورسىكا ئارىلىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 178 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
■ 1978 – يىلى 01 – دېكابىردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئېلان قىلدى.
■ 1990 – يىلى 01 – دېكابىردا مانش تونىلىنىڭ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدە باشلانغان قۇرۇلۇشى دېڭىزنىڭ 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا تۇتاشتۇرۇلدى.
■ 2000 – يىلى 01 – دېكابىردا چىلىنىڭ سابىق دىكتاتورى ئاگۇستو پىنوچېت ئۈستىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...