تارىختىكى بۈگۈن: 30 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1315118
تارىختىكى بۈگۈن: 30 – نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 30– نويابىر، شەنبە.

  • 1872 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى پۇتبول مىللىي مۇسابىقىسى شوتلاندىيە بىلەن ئەنگلىيە كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا گلاسگوۋدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە 0 – 0 بىلەن ئاخىرلاشتى.
  • 1900 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يازغۇچى ئوسكار ۋايلد پارىژدىكى بىر مېھمانسارايدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان ھۇجرىنىڭ تېمىغا «بىرسىمىز بۇ دۇنيادىن  كېتىشىمىز كېرەك» دېگەن خەتنى يېزىپ قويغاندىن كېيىن  ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
  • 1922 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «مۇدانيا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» گە ئاساسەن شەرقىي تراكيادىكى ئاخىرقى گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىمۇ رايوننى تەرك ئەتتى.
  • 1974 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېپىيوپىيەدە 3.2 مىليون يىل ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ ئىسكىلىتى تېپىلدى. ئىگىلىنىشىچە، كەشپىياتچىلار تەرىپىدىن « Lucy» دەپ ئاتالغان ئىسكىلىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 105 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.
  • 1982 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مايكېل جاكسوننىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ سېتىلغان « Thriller»  ناملىق مۇزىكا ئالبۇمى بازارغا سېلىندى.
  • 2007 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىستانبۇل – ئىسپارتا ئارىسىدا قاتناۋاتقان Atlasjet  ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىسپارتا ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى. قازادا 57 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر