تارىختىكى بۈگۈن: 29 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1314854
تارىختىكى بۈگۈن: 29 – نويابىر
  • يىل 1864، 29-نويابىر...
  • ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھىندىئانلار قەتلىئامى ھېسابلىنىدىغان «سەند گرېك» (Sand Creek) يۈز بەردى.
  • ئامېرىكا ئارمىيەسى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ھىندىئانلارنىڭ يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 500 ھىندىئاننى قىرغىن قىلدى.
  • 1937-يىلى 29-نويابىر ھاتاينىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۇنجى قەدەم بېسىلدى ۋە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.
  • 1947-يىلى 29-نويابىر ب د ت ئەرەبلەرنىڭ بارلىق نارازىلىقلىرىغا قارىماستىن پەلەستىننىڭ بۆلۈنۈشىنى ۋە مۇستەقىل ئىسىرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىدى. بۇ قارار كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
  • 1963-يىلى 29-نويابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ليندون جونسون (Lyndon Johnson) كېننېدىي (Kennedy) سۈيىقەستىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن «ۋوررېن كومىتېتى» (Warren) نى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
  • 1981-يىلى 29-نويابىر ئۈچ ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەن كىنو ئارتىسى ناتالىيې ۋۇد (Natalie Wood) سىرلىق پاراخوت ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلدى. ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ساقچىلار ناتالىيې ۋۇدنىڭ يولدىشى روبېرت ۋاگنېرنى «گۇماندار» دەپ ئېلان قىلدى.
  • 2012-يىلى 29-نويابىر پەلەستىن دۆلىتى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە «كۆزەتكۈچى ئەزا» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.
  • 2016-يىلى 29-نويابىر كولومبىيەدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا قاتناشماقچى بولغان بىرازىلىيە چاپېكونېسى (Chapecoense) پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاندىكى 81 كىشىدىن 76 سى جېنىدىن ئايرىلدى. ۋەقەدە پەقەت ئۈچ پۇتبولچى ساق قالدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر