تارىختىكى بۈگۈن: 28.11.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1314232
تارىختىكى بۈگۈن: 28.11.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 28 – نويابىر.

1943يىلى 28نويابىردا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى روزېۋېلت ئەنگلىيە باش مىنىستىرى چۇرچىل ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى سىتالىن بىلەن تېھران يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى. 3 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا، 2دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا پەيدا بولغان پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشكەن ئىدى.

1967يىلى 28 - نويابىردا، قىبرىستا رىم باندىتلىرىغا قارشى تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پەيتتە، قىبرىس پىرېزىدېنتى ماكارىئون تۈركىيە ۋە گىرېتىسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئارالدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇ جەرياندا تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار نەتىجە بېرىپ، ئېنىقسىزلىقلار ئاخىرىلاشقان ئىدى.

1977يىلى 28نويابىردا، يېڭى زېلاندىيەدىن ئاتراكتىكاغا قاتنايدىغان يولۇچى ئايروپىلانى روس ئارىلىدا چۈشۈپ كېتىپ، 257 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

2002يىلى 28نويابىردا تۈرك شىئېرىيەتىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرسى شۇنداقلا «غەرىپ» ئېقىمىنىڭ باشلامچىسى مەلىھ جەۋدەت ئانداي 87 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

2002يىلى 28نويابىردا، كېنىيەدە ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر مېھمانخانىغا ئەلقائىدە ئەزاسى تېررورچىلار ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلغان ۋە ھۇجۇمدا 12 كىشى ئۆلگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر