تارىختىكى بۈگۈن: 27– نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 27 – نويابىر - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1313213
تارىختىكى بۈگۈن: 27– نويابىر

■ 1859 – يىلى  27 – نويابىردا  «3 مەرگەن» ۋە «مونتې كىرستو كونتۇ» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى يازغان فىرانسىيەلىك يازغۇچى ئالېكساندېر دۇما 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

■ 1909 – يىلى  27 – نويابىردا ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى توماس ئېدىسون تۇنجى ئاۋازلىق فىلىمىنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.

■ 1942 – يىلى  27 – نويابىردا گېرمان قوشۇنى فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى تۇرۇۋاتقان تولون شەھىرىنى قولغا كىرگۈزدى. گېرمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن فىرانسۇز دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى 73 ئۇرۇش پاراخوتىنى بۇزۇپ دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتى.

■ 1950 – يىلى  27 – نويابىردا كورېيەدە 4 كۈن داۋاملاشقان كۇنۇرى ئۇرۇشى باشلاندى. 5 مىڭ كىشىلىك تۈرك ئەسكىرى خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىنغان ئامېرىكا 8 – بىرىگاداسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە كۇنۇرىدا زەپەر قۇچتى.

■ 1967 – يىلى  27 – نويابىردا فىرانسىيە ئەنگلىيەنىڭ ئورتاق بازار ئەزالىقىنى رەت قىلدى.

■ 1974 – يىلى  27 – نويابىردا پاكىستاندا يەر تەۋرەپ 4200 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

■ 2002 – يىلى  27 – نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قورال تەكشۈرگۈچىلىرى ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىراقتا قايتىدىن خىزمەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر