تارىختىكى بۈگۈن: 26– نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 26 – نويابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1312697
تارىختىكى بۈگۈن: 26– نويابىر

■ 1812 – يىلى  26 – نويابىردا  بوناپارتنىڭ رۇسىيە يۈرۈشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. موسكۋاغا يېقىن جايغىچە ئىلگىرىلەپ كەلگەن ناپالىئون بوناپارت قوماندانلىقىدىكى فىرانسىيە قوشۇنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، رۇسىيەدىن چېكىنىشكە باشلىدى.

■ 1942 – يىلى  26 – نويابىردا گېرمانىيە قىسىملىرى بىلەن ستالىنگرادتا ئۇدا بىر قانچە كۈن ئېلىشقان سوۋېت ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ستالىنگراد ئۇرۇشى گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە خاتىمە بەردى.

■ 1943 – يىلى  26 – نويابىردا تۈركىيەنىڭ ئاماسيا، چورۇم، سامسۇن، توكات، ئوردۇ ۋە كاستامونۇ رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، مەركىزىي نۇقسىتىسى توسيا ۋە لادىك بولغان 7.2 بال يەر تەۋرەشتە 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. يەر تەۋرەشتە 25 مىڭ بىنا تالاپەتكە ئۇچرىدى.

■ 1962 – يىلى  26 – نويابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى، «كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى» ئەسناسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، تۈركىيەدىكى يۇپىتېر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى چۇۋۇشنى قارار قىلدى.

■ 1993 – يىلى  26 – نويابىردا گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيەدىكى بارلىق يانداش ئورگانلىرىنى تاقىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر