تارىختىكى بۈگۈن: 21.11.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1310280
تارىختىكى بۈگۈن: 21.11.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 21 – نويابىر.

1783يىلى 21 - نويابىردا، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا جېن فرانچوس پىلاترە دې رۇزېر بىلەن مارك د ئارلاندېس تۇنجى قېتىم گاز شارى بىلەن ئۇچقان ئىدى.

1877يىلى 21 - نويابىردا، ئامېرىكالىق ئىجادىيەتچى ئېدىسون پاتېفون ئاۋاز قەيت قىلىش ئۈسكىنىسىنى ئىجاد قىلغان ئىدى.

1900يىلى 21نويابىردا، ئوسمانلى ھۆكۈمىتى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈپ يەرلىشىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر ئارىسىدا يەھۇدىيلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشى شەرتى بىلەن پەلەستىندە ئەڭ كۆپ 3 ئاي تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان «قىزىل كېنىشكە» يولغا قويۇلغان ئىدى.

1938يىلى 21 -نويابىردا تۈركىيەنىڭ قورغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ جەسىتى ئەنقەرە ئىتنوگرافىيە مۇزىيىدىكى قەبرىسىگە ۋاقىتلىق قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى بۇ يەردە تاكى 1953 - يىلىغىچە ساقلانغان ئىدى.

1955يىلى 21 - نويابىردا، ئوتتۇرا شەرقتە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۈركىيە، ئىران، ئىراق، پاكىستان ۋە ئەنگلىيەنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باغداد ئەھدىنامىسى تۈزۈلگەن ئىدى.

1980يىلى 21نويابىردا، ئامېرىكانىڭ ئاتاقلىق كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى لاس ۋېگاستىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 87 كىشى ئۆلگەن ۋە 680 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

2002يىلى 21نويابىردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) تۇنجى قېتىم ۋارشوۋا ئەھدىنامسىگە ئەزا دۆلەت چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قىراگدا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكەن ئىدى. 

2009يىلى 21 -  نويابىردا، خىتاينىڭ خېگاڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن كان پاچىئەسىدە 104 كان ئىشچىسى ئۆلگەن ئىدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر