تارىختىكى بۈگۈن: 15 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1307051
تارىختىكى بۈگۈن: 15 – نويابىر
  • يىل 1630، 15-نويابىر...
  • قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانېتالارنىڭ ئايلىنىش ھەرىكىتىنى بايقاپ ئاسترونومىيەدە ئىنقىلاب قوزغىغان گېرمانىيەلىك ئالىم جوھاننېس كېپلېر (Johannes Kepler) ئالەمدىن ئۆتتى.
  • 1889-يىلى 15-نويابىر 1824-يىلى قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇن بىلەن مونارخىيە تۈزۈمى ئاستىدا مۇستەقىل دۆلەت بولغان بىرازىلىيەدە قان تۆكۈلمەستىن ئەمەلگە ئاشقان ھەربىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە، مونارخىيە تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ، ئورنىغا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى.
  • 1960-يىلى 15-نويابىر يادرو ئوق بېشى توشىغان تۇنجى دېڭىز ئاستى «ئۇ س س جورج ۋاشىنگتون» (USSGeorge Washington) ناملىق پاراخوت دېڭىزغا چۈشۈرۈلدى.
  • 1967-يىلى 15-نويابىر قىبرىستا ئۈچ تۈرك يېزىسىغا ھۇجۇم قىلغان رۇم قوراللىق قارا گۇرۇھلىرى 28 تۈركنى ئۆلتۈردى، ۋەقەدە 200 دىن ئارتۇق تۈرك غايىپ بولدى. تۈركىيەدە جىددىي توپلانغان مىنىستىرلار كېڭىشى ھەربىي مەسئۇللار بىلەن ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلدى. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھۆكۈمەتكە قىبرىس ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشى ئۈچۈن ھوقۇق بەردى.
  • 1983-يىلى 15-نويابىر قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن قۇرۇلغان قىبرىس تۈرك فېدېراتسىيە دۆلىتى پارلامېنتى ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قارار چىقىرىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. قۇرۇلۇش خىتابنامىسى جۇمھۇر رەئىس رائۇف دەنكتاش تەرىپىدىن ئوقۇلدى.
  • 1988-يىلى 15-نويابىر مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى دۇنياغا جاكارلاندى. تۈركىيە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
  • 2012-يىلى 15-نويابىر تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي تانكىسى «ئالتاي» ئاخباراتتا تونۇشتۇرۇلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر