تارىختىكى بۈگۈن: 8 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1302532
تارىختىكى بۈگۈن: 8 – نويابىر

بۈگۈن 2019 – يىلى، 8– نويابىر، جۈمە.

  • 1520 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دانىيە پادىشاھى 2 – كرىستىئاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن شىۋېتسىيەدە ئېسىلزادىلىرىگە قارشى «سىتوكھولم قەتلىئامى» يۈرگۈزۈلدى. قەتلىئام نەتىجىسىدە دانىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى.
  • 1793 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پارىژدا دۇنياغا داڭلىق «‹ Louvre›  مۇزېيى» ئېچىلدى. «‹ Louvre›  مۇزېيى» 13 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەلئە سۈپىتىدە بىنا قىلىنغانىدى.
  • 1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيەنىڭ باۋيېرا ئۆلكىسىدە ئادولف گىتلېر ۋە قوللىغۇچىلىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىدى. گېرمانىيەنىڭ سىياسىي تارىخىدىن «بىراخانە ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە گىتلېر ۋە سەپداشلىرى قولغا ئېلىندى. گىتلېر كېيىنچە ناتسىسىزمنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىتابى بولغان «مېنىڭ كۈرىشىم» ناملىق ئەسىرىنى تۈرمىدە يېزىپ چىقتى. گىتلېر رەھبەرلىكىدە تەشكىللەنگەن ناتسىستلار ئارىدىن تولۇق 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا 196  پارلامېنت ئەزاسى چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ناتسىستلار پارتىيەسى گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى بىرىنچى پارتىيە بولدى.
  • 1988 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدە 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 730 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 400 مىڭ ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى.
  • 1992 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىرقچىلىق خاھىشلىرىغا قارشى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. شۇ قېتىمقى نامايىشقا تەخمىنەن 350 مىڭ كىشى قاتناشتى.
  • 2000 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى جەھەتتىن «يول خەرىتىسى» ھېسابلىنىدىغان «ئەزالىق ھۆججىتى» رەسمىي ئېلان قىلىندى.
  • 2000 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا دېموكرات ئالگورې بىلەن جۇمھۇرىيەتچى جورج بۇشنىڭ تەڭلىشىپ قېلىشى دۆلەتتە سىياسىي قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىككى پىرېزىدېنت نامزاتى ئوتتۇرىسىدىكى بېلەت پەرقىنىڭ پەقەت 537 بولۇشى سەۋەبىدىن بۇ ۋەقە ئۈستىدىن ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلدى. ئالىي سوت مەھكىمىسى 4 كە قارشى 5 ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، جورج بۇشنى سايلامنىڭ غالىبى قىلىپ بېكىتتى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر