تارىختىكى بۈگۈن: 23– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 23 – ئۆكتەبىر - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1292947
تارىختىكى بۈگۈن: 23– ئۆكتەبىر

■ 1940 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەپسانىۋى ماھىرى پېلې بىرازىلىيەدە دۇنياغا كەلدى.

■ 1946 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى نيۇ يوركتا چاقىردى.

■ 1954 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبى گېرمانىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن پارىژ ئەھدىنامىسى ئىمزالاندى.

■ 1956 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە ۋېنگىرىيەدە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىشغالى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەن نامايىشلاردا سوۋېت ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشى تەلەپ قىلىندى. سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ۋېنگىرىيەنى ئىشغال قىلىشنى قارار قىلدى ۋە قىزىل ئارمىيە پايتەخت بۇداپېشتنى قورشاۋغا ئالدى. باش مىنىستىر ئېمرې ناگي سوۋېتكە قارشى ب د ت دىن ياردەم تەلەپ قىلدى، بىراق ئۇ يەردىن كۈتكەن ياردەمگە ئېرىشەلمىدى.

■ 1973 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رىچارد نىكسون «ۋاتېرگېيت» سەتچىلىكىگە ئالاقىدار ئاۋاز لىنتىلىرىنى سوت مەھكىمىسىگە بېرىشنى قوبۇل قىلدى.

■ 1983 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ قارارگاھى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 241 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز پىيادىسى بىلەن 58 فىرانسىيە ئەسكىرى ئۆلدى.

■ 1993 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە 1960 – يىللاردا تۈركىيەدىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كېتىلگەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 560 – 546 – يىللار ئارىسىدىكى لىديا مەدەنىيىتىگە تەۋە «قارۇن خەزىنىسى» ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

■ 2011 – يىلى  23 – ئۆكتەبىردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ ئىككىسى ۋاندا ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. 6.7 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 18 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن 7.2 بال يەر تەۋرىدى. ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 644 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر