تارىختىكى بۈگۈن: 22– ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1292274
تارىختىكى بۈگۈن: 22– ئۆكتەبىر

■ 1962 – يىلى  22 – ئۆكتەبىردە «كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى» باشلاندى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جون.ف.كېنېدي، كۇبادا سوۋېت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ بارلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى ۋە فىدېل كاسترو رەھبەرلىكىدىكى كۇباغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى كۇبانى مۇھاسىرىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، دۇنيا يادرو ئۇرۇشى خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولدى.

■ 1964 – يىلى  22 – ئۆكتەبىردە فىرانسىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇر سارترې نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى؛ بىراق ئۇ مۇكاپاتنى رەت قىلدى.

■ 1967 – يىلى  22 – ئۆكتەبىردە ئاپوللو 7 ناملىق ئالەم كېمىسى دۇنيا ئەتراپىدا 163 قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشتى.

■ 1975 – يىلى  22 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانىش تۇنالىگىل 3 ئەرمەن تېررورچى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى.

■ 1983 – يىلى  22 – ئۆكتەبىردە فېدېراتىپ گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەدە بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان يادرو قورالغا قارشى نامايىشلارغا 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قاتناشتى. نامايىشچىلار، يادرو قوراللىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلىنىشى ۋە يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر