تارىختىكى بۈگۈن: 2– ئۆكتەبىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1280073
![تارىختىكى بۈگۈن: 2– ئۆكتەبىر](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1718822217)
بۈگۈن 2019 – يىلى، 2– ئۆكتەبىر، چارشەنبە.
- 1187 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سالاھىدىن ئەييۇبى قۇددۇسنى پەتھى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 88 يىللىق ئەھلىسەلىپ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
- 1869 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان رەھبىرى ماھاتنا گەندى پوربانداردا دۇنياغا كەلدى.
- 1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك «قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىدۇ» دېگەن ئىشغال كۈچلىرىگە ئائىت ئاخىرقى قىسىم ئىستانبۇلدىن ئايرىلدى.
- 1990 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قاچۇرۇلدى. ئايروپىلان گۇاڭجۇ ئايرودۇرۇمىغا قويغاندىن كېيىن ئىككى ئايروپىلان بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى. قازادا 132 ئادەم ئۆلدى.
- 1992 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەگە دېڭىزىدىكى ھەربىي مانىۋېر جەريانىدا ئامېرىكا پاراخوتىدىن ئېتىلغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈركىيەنىڭ «مۇئاۋەنەت مۇھرىبى» ناملىق پاراخوتقا تېگىپ، 5 تۈرك دېڭىزچى شېھىت بولدى.
- 1996 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پېرۇ ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئائىت بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كېتىپ، 70 ئادەم ئۆلدى.
- 2017 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لاس ۋېگاس شەھىرىدىكى مۇزىكا فېستىۋالى جەريانىدا قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 58 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
- 2018 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىردى. ئۇ شۇندىن بۇيان ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/5af3/bd26/691c/5c2dc48656ba2.jpg?time=1718822217)
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...