تارىختىكى بۈگۈن: 26.09.2019

«تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1276853
تارىختىكى بۈگۈن: 26.09.2019

 

بۈگۈن 2019يىلى 26 – سىنتەبىر.

1669يىلى 26سىنتەبىردە، ئوسمانلى دۆلىتى 24 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش نەتىجىسىدە گىرىت ئارىلىنى فەتھى قىلغان ئىدى.

1932يىلى 26 - سىنتەبىردە، تۇنجى تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

1947يىلى 26سىنتەبىردە، ئەنگلىيە پەلەستىننى بوشىتىپ چېكىنىشكە باشلىغان ئىدى.

1960يىلى كۇبا رەھبىرى فىدەل كاستىرو 4 سائەت 29 مېنىتلۇق نۇتۇقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇقنى سۆزلىگەن ئىدى.

1978يىلى 26 - سىنتەبىردە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جىممى كارتېر قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىدە، تۈركىيەگە قويۇلغان ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

1984يىلى 26 - سىنتەبىردە، خىتاي بىلەن ئەنگلىيە خوڭكوڭنىڭ 15 يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە دائىر كېلىشىم تۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر